ئوباما ئىراققا قوشۇن ئەۋەتىشنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-06-14
Share


جۈمە كۈنى ئىراق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئىراق مەسىلىگە ئارىلىشىش يوللىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئىراققا ئەسكىرىي قوشۇن ئەۋەتىشنى ئويلاشمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئىراقنىڭ سۇننى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان قىسىملىرىدا باش كۆتۈرگەن «ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى» ناملىق رادىكال قوراللىق تەشكىلاتنىڭ ئىراقنىڭ كىركۇك، فالۇجا ۋە مۇسۇل قاتارلىق مۇھىم شەھەرلىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقى ۋە باغداتقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان جىددىي ۋەزىيەتتە ئېلان قىلىندى.

ئوباما يۇقىرى تەشكىلاتىنى «ۋەھشىي تېررورلۇق ئورگىنى» دەپ ئاتىدى ۋە بۇلارنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىغىمۇ تەھدىت يارىتىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئوباما سۆزىدە يەنە چەتئەلدىكى ئامېرىكا خادىملىرى ۋە ياكى ئامېرىكىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تېررورچىلارغا زەر بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوباما ئاخىرىدا ئىراققا مۇداخىلە قىلىش مەسىلىسىنى دۆلەت مەجلىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت