ئوباما ئىراققا يەنە 1500 كىشىلىك قوشۇن يۆتكەشنى تەستىقلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.11.08


ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما جۈمە كۈنى «ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى» جىھادچىلىرىغا قارشى سەپنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىراققا يەنە 1500 كىشىلىك قوشۇن يۆتكەشنى تەستىقلىغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھەيگېل تەۋسىيە قىلغان ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە ئىراقتا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 3 مىڭغا يېقىنلاشقان.

ئۇلار ئىراقتا بىۋاسىتە ئۇرۇشقا قاتناشمىسىمۇ، ئىراق ئەسكەرلىرىگە مەسلىھەت بېرىش قارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىكەن.

5 - نويابىر ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مايكېل فاللون نۆۋەتتە ئەنگىلىيەنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، يېقىندا يەنە بىر تۈركۈم ھەربىي مەسلىھەتچىلەرنى ئىراققا ئەۋەتىپ ئىراق ئەسەرلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش ۋە مەسلىھەت بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.