پرېزىدېنت ئوباما ئالاباما شتاتىدىكى پۇقرالار ھوقۇقى نامايىشىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-03-08
Share


ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مىشەل ئوباما شەنبە كۈنى ئالاباما شىتاتىنىڭ سېلما شەھىرىگە بېرىپ، بۇ يەردە بۇنىڭدىن 50 ئىلگىرىكى 7 - مارت كۈنى يۈز بەرگەن پۇقرالىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش نامايىشىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما سېلمادىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلىپ، ئامېرىكىلىقلارنى ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل قىلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. ئۇ سۆزىدە فېرگوسۇن ۋەقەسىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە قانۇن ئالدىدا ھەممىنىڭ ئەڭ ئىكەنلىكىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەنلىكى، بۇنى بۇزغان جاۋابكار ئادەمنىڭ جازالىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

پرېزىدېنت ئوباما سېلما شەھىرىدە بۇنىڭدىن 50 يىل ئىلگىرى، يەنى 1965 - يىلى 7 - مارت كۈنىدە ئافرىقىلىق ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىپ، نامايىش قىلىشقا قاتناشقان بىر قىسىم كىشىلەرنى تەقدىرلىگەن.

سېلمادا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خاتىرىلەش مۇراسىم پائالىيەتلىرىگە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئەزاسى شۇنىڭدەك سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى لورا بۇش قاتناشقان. مەزكۇر خاتىرىلەش مۇراسىمىغا يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى پۇقرالىق ھوقۇقىنى قوغداش نامايىشىغا ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم كىشىلەر قاتنىشىپ، ئوباما بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتلەردە بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت