پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىلىقلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۆچمەنلىك تارىخىنى ئۇنتۇش بىلەن ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.12.15


سەيشەنبە كۈنى يېڭىدىن ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تەبرىكلىگەن پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكىلىقلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۆچمەنلىك تارىخىنى ئۇنتۇش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە بۇ نۆۋەتلىك جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشىنى توسۇش چاقىرىقىنى ۋاسىتىلىك تەنقىدلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر سۈرىيەلىك مۇساپىرنى كۆرگىنىمىزدە، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن قاچقان يەھۇدىي كۆز ئالدىمىزغا كېلىشى كېرەك. بىز بۇلارنى قانداقسىگە شۇنچە تىز ئۇنتۇدۇق. بىر ئەۋلادنىڭ ئۆتىشى، ئىككى ئەۋلادنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىز قەيەردىن كەلگەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ، ‹بىز› ۋە ‹ئۇلار› دېيىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ بىر زامانلاردا ئاشۇ ‹ ئۇلار› نىڭ ئورنىدا ئىكەنلىكىمىزنى ئەسلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالدۇق.»

ئۇ يەنە كۆچمەنلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇلغايتىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بىر قىسىم پرېزىدېنتلىق كاندىداتلىرىنىڭ مۇسۇلمان كۆچمەنلىرىنى ئامېرىكىغا كېلىشتىن چەكلەش پىكرى ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئامېرىكا ئاخباراتىدا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان بۇ نۆۋەتلىك پرېزىدېنتلىق نامزاتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا كېرىشىنى چەكلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن تارتىپ، باشقا پرېزىدېنت نامزاتلىرىغىچە بولغان بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىيونلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.

ئوباما سەيشەنبە كۈنىدىكى نۇتقىدا ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىگە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭمۇ كۆچمەنلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئائىلە ‹ئىنجىل› لىرى، ‹توراھ› ياكى ‹قۇرئان› لىرىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن كۆچمەنلەر دولقۇنىنى توپ - توپ قوبۇل قىلىپلا قالغان دۆلەت ئەمەس، بەلكى كۆچمەنلىك بىزنىڭ ھېكايىمىزنىڭ باشلىنىشى، ئىككى ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇ نۇقتا دۆلەت خاراكتېرىمىزنىڭ ئەڭ نېگىزىدە تۇرۇپ كەلمەكتە.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.