ئوباما بىلەن پۇتىن ئانتاليادا ئۇچراشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.11.15


15 - نويابىر كۈنى يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئانتاليادا ئۇچرىشىپ، سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىغان.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باراك ئوباما ۋە ۋلادىمىر پۇتىن 35 مىنۇتلۇق ئۇچرىشىشتا سۈرىيەدىكى توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش بولۇشى ئاستىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىگە قوشۇلغان.

ئانالىزلاردا پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەسى سەۋەبىدىن رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا دائېشقا قارشى ھەمكارلىقلاردا ئىلگىرىلەش بولۇشى پەرەز قىلىنماقتا.

ئىككى كۈنلۈك يىغىندا ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىلىرى سۈرىيە ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسى، ئېنېرگىيە ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. پارىژدىكى تراگېدىيە تۈپەيلىدىن فرانسىيە پرېزىدېنتى 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىغا قاتنىشىشنى بىكار قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.