پرېزىدېنت ئوباما شىمالىي كورىيە ئىمبارگو قانۇنىغا ئىمزا قويدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.02.19

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 18 - فېۋرال شىمالىي كورىيەگە ئىمبارگونى كۈچەيتىش ھەققىدىكى 757 - نومۇرلۇق قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو قوراللارنى داۋاملىق كېڭەيتىشىگە قارشى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.

ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنىست، ئامېرىكا بۇ جازالاش تەدبىرلىرىنىڭ شىمالىي كورىيەگە تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى 12 - فېۋرال ماقۇللاپ، پرېزىدېت ئوبامانىڭ ئىمزا قويۇشىغا سۇنغان. قانۇن لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا 0 گە قارشى 96 ئاۋاز، ئاۋام پالاتاسىدا 2 گە قارشى 408 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان ئىدى.

قانۇن لايىھەسىدە، شىمالىي كورىيەنىڭ قىرغۇچى قوراللارنى ياساشقا ئىشلىتىدىغان بۇيۇم ۋە تېخنىكا ئىمپورت قىلىشى چەكلەنگەن. شىمالىي كورىيەنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن گۇرۇھلارغا ئىمبارگو قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر قانۇن شىمالىي كورىيە بىلەن سودا قىلىدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە بېسىم ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋام پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەركومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەد رويس، «مەن خىتاي ۋە باشقا جايلاردىكى پۇل - مۇئامىلە ئورگانلىرىنى بىز بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، بۇرۇنقى تەجرىبە ساۋاقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ قېتىم ئۈنۈملۈك ئىمبارگو تەدبىرلىرىنى ئالدۇق» دېگەن.

شىمالىي كورىيە يېقىندا راكىتا ۋە يادرو بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.