نىڭشيانىڭ ئاپتوبۇس كۆيدۈرۈش ھۇجۇمىنىڭ ئۆچ ئېلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.01.06

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 5-يانۋار نىڭشيانىڭ يىڭچۈەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس كۆيدۈرۈش ھۇجۇمىنىڭ ئالدىن پىلانلانغا ئۆچ ئېلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكى مەلۇم.

سەيشەنبە كۈندىكى مەزكۇر ۋەقەدە ئاز دېگەندە 17 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، خىتاي ساقچىلىرى گۇماندار ما يوڭپىڭنى ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى قولغا ئالغان ئىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇماندار ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللىغان يازمىلىرىدا تۆلىيەلمىگەن قەرزلىرى تۈپەيلى ئىچى پۇشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ دوستلىرى ما يوڭپىڭنىڭ بىر زوراۋانلىق ۋەقەسى پىلانلىغانلىقىنى سۆزلەپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ما ئەسلى ياپونىيەدە ئوقۇغان ۋە بىر قۇرۇلۇش پروگراممىسىنى ھۆددىگە ئېلىپ 300 مىڭ يۈەن قەرزگە بوغۇلۇپ قالغان. بۇ ئۇچۇرلار دەسلەپتە «سىنا» تورىغا چاپلانغان، ئەمما چارشەنبە كۈنى چىقىرىۋېتىلگەن.

خەۋەردە «بېيجىڭ ياشلىرى گېزىتى» دىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ما ياللانغان شىركەت ئۇنىڭغا تېگىشلىك پۇلىنى بېرىشنى رەت قىلغان. ئۇ ھۇجۇم يۈز بەرگەن كۈنى « ئۈندىدار» غا ئۇچۇر يوللاپ «بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان شارائىتتا، ئۇ، بۇ ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ھەقلىق» دەپ يازغان ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە يەنە، ما يوڭپىڭ ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ ئالدى بىلەن ئىككى تۇڭ بېنزىن سېتىۋالغانلىقى، ئاندىن بېنزىننى ئاپتوبۇسقا ئېلىپ چىقىپ، چاقماق بىلەن ئوت ياققانلىقىنى ئىقرار قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.