خوتەن يازغۇچى-شائىرلىرى ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.04.16

خوتەن ۋىلايىتى دائىرىلىرى مەزكۇر ۋىلايەتتىكى بىر قىسىم ئەدىبلەرنى كوللېكتىپ ئىمزا قويۇپ، ئۇيغۇر خەلقىگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىشقا تەشكىللىگەن.

30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر يازغۇچى ۋە شائىر ئىمزا قويغان مەزكۇر ئوچۇق خەت خىتاي تىلىدا 15-ئاپرېل كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بولۇپ،ئوچۇق خەت ئاپتورلىرى كېرىيە ناھىيىسىدىكى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»ناملىق ئوچۇق خېتىگە ماسلىشىپ، خوتەندىكى، جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «مىللى بۆلگۈنچىلىەر»، «دىنى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار» ۋە «زوراۋان تېررورچىلار»غا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە ھەسسە قوشۇشقا» چاقىرغان.

خەتتە: «ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىز ھەممىمىز جۇڭگولۇق، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزمۇ جۇڭگولۇق، بزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزمۇ ئەبەدىي جۇڭگولۇق بولىدۇ»دەپ ئەسكەرتىلگەن.

خوتەن ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى ئۇيغۇرلارنى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزىغا قايتۇرغان خېتىدىكى «سىلەرنىڭ پۈتۈن ئائىلەڭلار قۇربان تاغىغا ئوخشاش داۋاملىق يۇرتداشلار بىلەن بىرگە پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈڭلار، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈڭلار، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈڭلار» دېگەن بىر قاتار ھاۋالىسىنى «ھەرگىز يەردە قويماسلىق»قا چاقىرغان.

چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ قارىشىچە، خوتەندىكى مەزكۇر يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتى تىپىك سىياسىي تەشۋىقات بولۇپ، بۇ مەخسۇس ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئىمزا قويۇشقا تەشكىللەنگەن پائالىيەتتىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەم يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان بارغانسېرى كۈچەپ داۋاملاشتۇرىلىۋاتقان ناھىيە، ۋىلايەت، نازىر دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلىرىنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىشقا تەشكىللەشنىڭ ئەمدى مەخسۇس ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىگە كېڭەيتىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىمۇ يازغۇچى غەيرەت ئاسىم قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا ئاتالمىش «ئۇچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.