موڭغۇل پائالىيەتچىسى خادا ب د ت غا مۇراجىئەت قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-03-03
Share

تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرىدىكى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا ئەپەندى 3-مارت كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا مۇراجىئەت قىلدى.

خادا ئەپەندى مۇراجىئىتىدە؛ «بۈگۈن 3-مارت جۇڭگودا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى باشلاندى. ئۆگۈنلۈككە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلماقچى. مەن سىلەرنىڭ رادىئو بۆلۈمىڭلارغا يازغان خېتىم ئارقىلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن سۆزلىشىپ، ئىچكى موڭغۇل ساقچى نازارىتى تەرىپىدىن توڭلىتىۋېتىلگەن ئائىلىمىزنىڭ بانكا ھېساباتى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىمەن. چۈنكى بۇلتۇر 12-ئايدا 19 يىللىق قاماقتىن قويۇپ بېرىلىپ ئۆيگە قايتۇرۇلغان بولساممۇ، ئەمما ئۆيگە نەزەربەند قىلىندىم. 15 يىلغا قوشۇلغان 4 يىللىق تۈرمە ھاياتىدىكى قىيناق دەستىدىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولدۇم، داۋالىنىشقا ئىمكانىم يوق، ئايالىم ۋە ئوغلۇم ئاچقان كىتابخانا تاقىۋېتىلىپ بانكا ھېساباتىمىز توڭلىتىلدى. ھازىر بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تاماق يېيىشىمۇ جىددىي مەسىلىگە ئايلاندى»، دەپ يازغان.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خادا ئەپەندى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇ يوللىغان مۇراجىئەتكە جىددىي قارىشىنى ئۆتۈنۈپ، «ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دەرھال تەدبىر قوللانمىسا، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى تىلەمچىلىك بىلەن كۈن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىمىز» دېگەن.

خىتايدا سىياسىي مەھبۇسلارغا قارىتا ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ جازالاش تەدبىرىنى ئومۇملاشقان. بۇلتۇر 23-سېنتەبىر دائىرىلەر تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭمۇ بانكا ھېسابى ۋە ئۇنىڭ نامىدىكى ئۆي-مۈلكى توڭلىتىلغانلىقى جاكارلىنىپ، ئۇنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم بېيجىڭدا 3000 سومغا يەتمىگەن خەلق پۇلى مائاشى بىلەن ئىككى ئوغلىنى بېقىشقا مەجبۇر بولماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت