موڭغۇل ئۆكتىچى خادانىڭ قويۇپ بېرىلىشى يەنە يەنە ئېنىق ئەمەس

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-12-05
Share

«بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىچكى موڭغۇللۇق ئۆكتىچى خادا 9‏-دېكابىر قويۇپ بېرىلىشى كېرەك بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ئۇنىڭ شۇ كۈنى قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن.

خادا 1990‏-يىللىرى «جەنۇبىي موڭغۇلىيە دېموكراتىك ئىتتىپاقى» ناملىق پارتىيە قۇرۇپ، ئىچكى موڭغۇلغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ، 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان.

ئۇنىڭ قاماق جازاسى 2010‏-يىلى 10‏-دېكابىر توشۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ئۇنىڭ سىياسىي ھوقۇقىدىن 4 يىللىق مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇنى كۆكخوتتىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا داۋاملىق نەزەربەند قىلغان ئىدى. خادانىڭ ئايالى ئۇنىڭ 4 يىللىق مۇددىتى بۇ يىل 9‏-دېكابىر توشىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۈمە كۈنى ج خ دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلغان ۋە خادانىڭ قويۇپ بېرىلىدىغان ۋاقتىنى سورىغان.

بىراق دائىرىلەر مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە دۆڭگەپ، شىنناغا ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىش ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن. شىننا جۈمە كۈنى خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا بايانات ئېلان قىلىپ، خادانىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ ۋاقتىدا قويۇپ بېرىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت