موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا، تۈرمىدە تەن جازاسىغا ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.12.10

رادىئويىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9-دېكابىر قويۇپ بېرىلگەن موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خادا تۈرمىدە تەن جازاسىغا ئۇچرىغان.

ئۇ 1996-يىلى «ئىشپىيونلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان. ھالبۇكى، جازا مۇددىتى توشقان كۈنى ئۇ يەنە ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىمالىدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا 5 يىل سولاپ قويۇلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانچىسى خوڭكوڭ لېي 9-دېكابىر خاداغا بېرىلگەن جازا مۇددىتىنىڭ توشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خادا رادىئومىز زىيارىتى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: نەچچە يىللىق قىيناش ۋە تەن جازاسى تۈپەيلى، بەدىنىم ھەرخىل كېسەلگە توشۇپ كەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادالەتسىزلىكنىڭ مەھسۇلى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مەندە ھازىر 10 خىلدىن ئارتۇق كېسەل بارلىقى ئېنىقلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈرمىدىكى قىيناش، تەن جازاسى ۋە ناچار يېمەكلىكتىن بولدى.

خادا خىتايدىكى ئەڭ ئۇزۇن كېسىلگەن سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ بىرى. ئۇ ئىچكى موڭغۇلغا ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىپ يازغان ماقاللىرى تۈپەيلى تۈرمىگە تاشلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.