رىك سكوت: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى روسىيەنى چەكلىيەلىسە خىتاينىمۇ چەكلىشى لازىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-01-05
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىلىدىكى قىشلىق ئولىمپىك يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش چۇقانلىرى تۇشمۇ-تۇشتىن كۆتۈرىلىۋاتقاندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئوچۇق مەكتۇپ ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.

ئۆتكەن ھەپتە بىر قىسىم كوماندا ئەزالىرىنىڭ زەھەر چېكىشى تۈپەيلىدىن روسىيە كوماندىسىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنغانىدى. كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت ئەپەندى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باكقا مەكتۇپ يوللاپ «روسىيە كوماندىسىنى زەھەر مەسىلىسىدە ئەيىبلىيەلىگەن ئولىمپىك كومىتېتى نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى چەكلىيەلمەيدۇ؟» دەپ سوئال قويدى.

«فلورىدا كۈندىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 4-يانۋار سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ئوچۇق مەكتۇپتا رىك سكوت ئەپەندى ئۆزىنىڭ روسىيە كوماندىسى ھەققىدىكى ھۆكۈمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىليونلارچە ئۇيغۇرنى لاگېرغا قاماپ، ئۇلارنى ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاۋاتقان، يەنە كېلىپ خەلقىئالەم قاراپ تۇرسا ئەيمەنمەي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدا قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە قانداقلارچە يول قويۇلۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ مەكتۇپتا رەئىس توماس باكقا سوئال قويۇپ: «نېمە ئۈچۈن بىرنەچچە ئادەمنىڭ زەھەر چېكىشى تۈپەيلىدىن بىر پۈتۈن كوماندىنى تەقىپ قىلالىغان ئولىمپىك كومىتېتى مىليونلارچە ئادەمنى قىيناش، قۇل قىلىش ۋە ئىچكى ئورگانلىرىنى سۇغىرىۋېلىشتەك قەبىھلىككە مەھكۇم قىلىۋاتقان بىر ھۆكۈمەتنى چەكلىمەيدۇ؟» دەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى «يەھۇدىيلار زور قىرغىنچىلىقى» يۈز بېرىش ھارپىسىدا ناتسىستلېر گېرمانىيەسىمۇ 1936-يىلى بېرلىن ئولىمپىك يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلغان ھەمدە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەھۇدىيلارنىڭ مىليونلاپ قىرىلىشى باشلانغانىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت