2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.04.09

يېقىنقى مەزگىلدىن بېرى 2022-يىل خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرۇش سادالىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى بۇ مەسىلىنى جىددىي ئويلىشىشقا باشلىغان.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە 8-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، سابىق ترامپ ھۆكۈمىتى ۋە ھازىرقى بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەنىكەن، ئامېرىكانىڭ ئۆز پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگىمۇ قارشى چىقىشى كېرەك ئىكەن.

بايدىن ھۆكۈمىتى ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تېخى مەسلىھەتلەشمىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما 180 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلىشىپ، بۇ مۇسابىقىگە قارشى تۇرۇش تەكلىپى سۇنغان. نۆۋەتتە كانادا بىلەن ياۋروپامۇ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش-قاتناشماسلىقنى ئويلىشىۋېتىپتۇ.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئولىمپىك كومىتېتىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ «تەنتەربىيەنى سىياسەت بىلەن ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ» دېگىنى سەمىمىيەتسىز بىر گەپ بولۇپ، ئولىمپىك يىغىنى ئەلۋەتتە سىياسىي مەقسەت ئارىلاشقان ھەرىكەت ئىكەن. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭمۇ بۇ مۇسابىقىنى سىياسىي غەرەز ئۈچۈن، يەنى ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى «قانۇنلۇق دۆلەت»، ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى «قانۇنلۇق ھەرىكەت» قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرماقتا ئىكەن.

يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەگەر بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە پەقەت تەنھەرىكەتچىلەرلا قاتناشسا، مۇسابىقە ئەھۋالى تاراتقۇلاردا تارقىتىلسا، تەنھەرىكەتچىلەر شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى مۇستەبىتلىكى ۋە زوراۋانلىقىنى دادىللىق بىلەن پاش قىلالىسا، بۇ پۇرسەتتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇشقا قاراتقىلى، ئولىمپىك يىغىنىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى خەلقئارا جامائەتكە تېخىمۇ كۆپ ئاشكارىلىغىلى بولىدىكەن.

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرۇشتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئۇسۇللار بار ئىكەن. ئەگەر پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايغا مەركەزلىشىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى بېسىم پەيدا قىلماقچى بولسا، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئەڭ چوڭ بېسىم نۇقتىسى ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.