«لوس-ئانژېلىس ۋاقتى» گېزىتى ماقالە ئېلان قىلىپ، كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى ھەققىدىكى نارازىلىقلىرىنى ئاڭلاتقان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.02.17

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «لوس-ئانژېلىس ۋاقتى» گېزىتىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىماي خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

«كالىفورنىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىشلىق ئولىمپىك ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان بىر شاپىلاق بولدى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالىدە، كالىفورنىيە شىتاتىدا ياشاۋاتقان ئەركىن سىدىق، نۇرنىسا قۇربان، بۇغرا ئەركىن ۋە باشقا ئۇيغۇرلار زىيارەت قىلىنغان. ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تېنچلىق ۋە باراۋەرلىكنىڭ سىموۋلى بولغان ئولىمپىكنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن ھەمدە ئولىمپىكنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرىدىن زور دەرىجىدە ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

مەزكۇر خەۋەر ماقالىسىنىڭ ئاپتورلىرى ئولىمپىكنىڭ قوللىغۇچى شىركەتلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، ئەمما كوكاكولا، پانوسانىك، P&G، سامسۇڭ، تويوتا ۋە ۋىزا قاتارلىق شىركەتلەر ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرمىغان. ئىنتېل شىركىتى ئۇلارنىڭ سوئالغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. ئاتوس شىركىتى قايتۇرغان يازما باياناتىدا ئۆزىنىڭ ئولىمپىك ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا شېرىكى بولۇشتەك رولىدىن باشقا مەسىلىلەرگە باھا بەرمەيدىغانلىقىنى ۋە شىركەتنىڭ نەدىلا بولسا مۇسابىقىنىڭ دىگىتال تېخنىكاسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئومېگا شىركىتىمۇ ئۆزىنىڭ ئولىمپىك قوللىغۇچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان 90 يىلدىن بۇيان سىياسىي مەسىلىلەردە بىتەرەپ تۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە يەنە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر سودا مەسلىھەتچىسى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ شىركەتلەر ئۈچۈن ئۆزىنى بازاغا سالىدىغان ئالتۇن پۇرسەت بولغاچقا، بۇنىڭدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، كەچكەن تەقدىردىمۇ بۇنىڭ زىيىنىنىڭ تەنتەربىيەچىلەرگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە «بۇ 206 دۆلەتتىكى تەنھەرىكەتچىلەرنى قوللاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ھەرگىزمۇ ھەر قانداق بىر دۆلەتتىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى قوللاش ئۈچۈن ئەمەس،» دېگەن.

ئامېرىكادىكى تونۇلغان تارىخچى جەيمىس مىلۋارد «لوس-ئانژېلىس ۋاقتى» گېزىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇنىڭ 2008-ۋە 2022-يىلىدىكى ھەر ئىككى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆز تەشۋىقاتى ئۈچۈن قوللانغانلىقىنى، دەل ئۇيغۇرلار مەسىلىسى دىققەت قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچى دىلنىگار ئىلھامجانغا ئولىمپىك مەشئىلى كۆتۈرگۈزۈش ئارقىلىق دۇنياغا «ھەممە ئىشلار جايىدا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ياخشى ھەمكارلىشىپ ئۆتىۋاتىمىز» دېگەن سېگنالنى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.

مەزكۇر گېزىت ئۆز خەۋىرىدە يەنە لوس-ئانژىلىستىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن نۇرنىسا قۇربان خانىمنىمۇ زىيارەت قىلغان. ئۇ خىتاي 2008-يىللىق ئولىمپىككە ساھىبخانلىق قىلىشتىن بۇرۇنمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن توپلانغان پائالىيەتچىلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى سان-فىرانسىسكو كوچىلىرىدا نامايىش قىلغانلىقىنى ئەسلەپ، «12 يىلدىن كېيىن، بىز يەنىلا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەققىدە سۆزلەۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، بىز مۇسابىقىنىڭ دېپلوماتىك بويقۇت قىلىنغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بىراق بۇنىڭ تەسىرى نېمە بولدى، ئۇ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈلۈشتىن توختىتالىدىمۇ؟» دەپ سوئال قويغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەنە بىر ئۇيغۇر بولسا ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە قوللىغۇچى شىركەتلەرنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ مۇسابىقىنى خىتايغا بېرىش ئارقىلىق تەنھەرىكەتچىلەرنى قېيىن ئەھۋالغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.