خىتايدا مىڭدىن ئارتۇق ئۆلۈك ئۆردەك بايقالدى


2013.03.26

رۇسىيە ئاۋازى تورىنىڭ 25 - مارت كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، سىچۈەن پېڭشەن ناھىيىسىدىكى دەريا بويىدا مىڭدىن ئارتۇق ئۆلۈك ئۆردەك بايقالغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ئۆلۈك ئۆردەك ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئۆلۈك ئۆردەكلەر دېزىنفېكسىيىلىنىپ سۇلياۋ خالتىلارغا قاچىلىنىپ كۆمۈۋېتىلگەن. شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ ئۆردەكلەرنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى تېخى مۇقىملاشتۇرمىغان بولۇپ، داۋاملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. دەپ كۆرسەتكەن.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ئۆردەكلەر ئۆردەك باققۇچىلار تەرىپىدىن دەريا يولىغا تاشلىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكى ئىكەن. ھۆكۈمەت تەرەپ، ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ سۇ بېشى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ھەپتىلەر ئىلگىرى نەچچە مىڭلىغان ئۆلۈك چوشقىلار شاڭخەيدىكى خۇاڭ پۇجياڭ دەريا يولىدىن بايقالغان بولۇپ، خەلقئارادىكى مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.