خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆلۈم جازالىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى
2018.04.12
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئاشكارىلانماسلىقى كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلماقتا، دېدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ سۆزنى 12-ئاپرېل پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دۇنيا مىقياسىدىكى ئۆلۈم جازالىرى ھەققىدە چىقارغان يىللىق دوكلاتىدا قىلغان. خىتاي بۇ يىللىق دوكلاتتىمۇ ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاشلا دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىنىدىغان دۆلەت بولۇپ باھالانغان.
دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرى «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دەپ قارالغانلىقتىن خىتاي دائىرىلىرى ئەمەلىي رەقەمنى يوشۇرۇپ كەلگەن. ئەمما خىتاي سوت تارماقلىرىنىڭ تور بەتلىرىگە قويۇلغان بەزى ئارخىپلار ۋە ئاخبارات خەۋەرلىرى خىتايدا 2017-يىلى ئىچىدە يەنە مىڭلىغان كىشىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ۋە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىكەن.
بىراق، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسىنىڭ ئۆزلىرىدە كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەسسىلەپ كۈچەيتىلگەن ھەم شۇنداقلا «قاتتىق زەربە بېرىش»، «تېررورلۇققا قارشى خەلق تۇرۇشى» قاتارلىق ھەرىكەتلەر كۈچلۈك يوسۇندا داۋام قىلغان تۇرۇقلۇق ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەرگە ئائىت ھېچقانداق بىر خەۋەر ياكى رەقەم ئېلان قىلىنمىغان. خىتاي ئالىي سوتىنىڭ تور بېتىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن پەقەت بىرلا دېلونىڭ خاتىرىسى تېپىلغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆلۈم جازالىرىنى كەڭرى يولغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا 2017-يىلىغا ئائىت ھېچقانداق بىر سانلىق مەلۇمات تېپىلماسلىقى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. دوكلاتتا خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازالىرىنى قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن بولماسلىق، ئادىل بولماسلىق بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆلۈم جازالىرىغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئاممىغا ئېچىۋېتىشكە ۋە قانۇنىي تەرتىپلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.