پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇر، پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى، 32 سائەتتىن بېرى ئىز-دېرەكسىز

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.10.18

پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرى بۈگۈن رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دە ئىشلەۋاتقان ئورنىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە نەدىلىكى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقىنى مەلۇم قىلدى.

بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىن ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، ئۆمەرجان بىلەن بىر كۈندە راۋالپىندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇقېيۇم شەمشىدىننىڭ؛ ئۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال راۋالپىندىنىڭ خىتاي ماللىرى بازىرىدىكى سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر تىجارەتچى ئابدۇغېنىنىڭمۇ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە پاكىستان ساقچىلىرىنىڭ يەنە بەزى ئۇيغۇرلارنى ئىزدەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ راۋالپىندىكى ئائىلە-تاۋابىئاتى، ئۆمەرنىڭ تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ئىشقا كەتكەندىن كېيىن ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكى ۋە نەدىلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقىنى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەندىشە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۆمەر ئۇيغۇر ئۆتكەن ئاينىڭ 22‏-كۈنى ۋە 25‏-كۈنلىرى پاكىستان ئىستىغباراتى تەرىپىدىن بىر قېتىم تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە بىر قېتىم چاقىرتىلغان بولۇپ، 4-5 سائەتتىن سوراق قىلىنغان. ئۆمەر ئۇيغۇرنىڭ شۇ ۋاقتىدا رادىيومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، ئۇ سوراق جەريانىدا ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنى تاقاش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان. پاكىستان مەخپىي ساقچىلىرى ئۇنىڭدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ماقالە يازغان بىر ھىندىستانلىق مۇخبىر ھەققىدە مەلۇمات سورىغان.

ئۆمەر ئۇيغۇر قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 19‏-قۇرۇلتاي ھارپىسىدا تۇتقۇن قىلىنىشى، پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.