ئاقسۇ ۋە ئارال شەھەرلىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «ئەمگەك تەربىيەسى» سىناق رايونى بولغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.06.11

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋە ئارال شەھەرلىرى خىتاينىڭ «ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش» نى ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە كېڭەيتىش پىلانىنىڭ سىناق رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ يىل 3-ئايدا جايلاردىكى ئالىي ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى «ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش» نى تەلەپ قىلغان. بۇ خىتاي خەلقئارادا ئۇيغۇرلارنى قۇل ئەمگىكىگە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەمدى ئوقۇغۇچىلارنى «ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش» نامىدا «پاختا ئۈزۈشكە سالامدۇ» دېگەن گۇمان پەيدا قىلغان.

چۈنكى، خىتاينىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ئېمبارگوسىغا ئۇچراپ، رايوندىكى خىتاي توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 10-ئويۇن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن ئارال شەھىرىنى «ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش» سىناق رايونى قىلىپ تاللىغان.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ خوڭ فامىلىلىك بىر مەسئۇلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارىنى «خىزمىتىمىزنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكى»، دەپ كۆرسىتىپ، بۇ جەھەتتىكى «ئالاقىدار مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. بىراق بۇنىڭ قانداق مېخانىزم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى 96 ناھىيە (رايون ۋە شەھەر) نى «ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش» سىناق نۇقتىسى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، ئاقسۇ بىلەن ئارال شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.