«شىنجاڭ سىنىپى» غا بۇ يىل ئون مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016.08.04


تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ يىل خىتاي ئۆلكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا 9880 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە يەرلىكتىن قوبۇل قىلىنىدىغانلار سانى 9530 ئوقۇغۇچى بولۇپ، بىڭتۇەندىن قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سانى 350 نەپەر ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى» بەرگەن باياناتقا قارىغاندا، بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن، بولۇپمۇ ئاپتونوم ناھىيەلەردىكى نوپۇسى ئاز بولغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن تاللىنىدىكەن. بۇ يىل شىنجاڭ سىنىپلىرىغا تىزىملاتقانلار سانى 44 مىڭدىن ئاشقان.

2000 - يىلى بېيجىڭ، شاڭخەي، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردە تۇنجى قېتىم «شىنجاڭ سىنىپلىرى» نى تەسىس قىلىنغاندا 1000 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئەمما دائىرىلەر شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ سانىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، قىسقىغىنە بىر مەزگىل ئىچىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ 10 مىڭغا يەتكۈزگەن.

شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. نۇرغۇن ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدىغان بۇ سنىپلارنىڭ «ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش» ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. 2014 - يىلى س ن ن تېلىۋىزىيىسىنىڭ بىر مۇخبىرى تيەنجىندىكى شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇتقۇچىسىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ بۇ بالىلارغا ۋەتەننى سۆيۈشنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.