ئۆركەش دۆلەتنىڭ خىتاي دېموكراتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە شى جىنپىڭغا يازغان ئوچۇق خېتى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-04-13
Share

مەركىزىي ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈن تەيبېيدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ئۆركەش دۆلەت تەيۋەن ۋە غەرب ئەللىرىدىكى خىتاي دېموكراتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان.

كوللېكتىپ ئىمزا قويۇلغان بۇ ئوچۇق خەتتە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن چىقىپ، ئامېرىكىدىكى خىتاي دېموكراتچىسى شيۇڭ يەننىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان 80 ياشلىق ئانىسىنى كۆرۈۋېلىشىغا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇمكى، شيۇڭ يەن 1989-يىلىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 21 نەپەر ئوقۇغۇچىلار رەھبىرىنىڭ بىرى. ئۇ 1992-يىلى ئامېرىكىغا يەرلىشىپ ئىلاھىيەت پەنلىرى بويىچە ئوقۇغان، ئاندىن ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە پوپ بولغان. ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان ئۇ كېسەل ھالەتتىكى ئانىسىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ھىيۇستوندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىدىن ۋىزا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رەت قىلىنغان.

ئۆركەشنىڭ تەيۋەن مۇخبىرلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى يەنە بىر خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋاڭ دەن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىش قارارىغا كەلگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت