ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ رۇسىيەگە كېلىشى نىسبىتى ئازلىماقتا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-11-09
Share


رۇسىيە فېدېراتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى 2015 - يىلى، 5 - نويابىر كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا رۇسىيەگە كېلىدىغان ئۆزبېكىستانلىق، تاجىكىستانلىق مېھنەت كۆچمەنلىرىنىڭ ئازلاشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر رۇسىيەدە بىر مىليون 940 مىڭدىن ئارتۇق ئۆزبېكىستانلىق، 685 مىڭدىن ئارتۇق قازاقىستانلىق، 526،مىڭدىن ئارتۇق قىرغىزىستانلىق، 933 مىڭدىن ئارتۇق تاجىكىستانلىق بار ئىكەن.

رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى دائىرىلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قازاقىستانلىقلارنىڭ رۇسىيەدىكى سانىنىڭ ئازلاشقا باشلىغانلىقى، ئەمما، قىرغىزىستانلىقلارنىڭ سانىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇمكى، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنا كرىزىسى تۈپەيلىدىن غەربنىڭ ئىقتىسادى ئىمبارگوسىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيالىق كۆچمەنلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىكەن ۋە كۆپ ساندىكى ئۆزبېكىستانلىق ۋە تاجىكىستانلىقلار قايتىپ كەتكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇسىيەمۇ چەتئەللىكلەرنىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشى ۋە ئىشلىشىگە قارىتا چىڭراق تۈزۈم ئورناتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.