ئوتتۇرا شەرقتىكى «ئەل-ئەرەبىيە پوچتىسى» دا شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىندى
2020.11.02
ئوتتۇرا-شەرقتىكى «ئەل-ئەرەبىيە پوچتىسى» تورى ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بۇ كرىزىستىكى ئىپادىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ۋە پارىس قولتۇقى كېڭىشىگە ئەزا يېتەكچى مۇسۇلمان دولەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىۋاتقان ۋەھشىلىكىگە سۈكۈت قىلىپلا قالماي، ئۇنى قوللىشى غەلىتە ئەھۋال ئىكەن. ماقالىنىڭ ئاپتورى ژۇرنالىست زاھىد ئاراب مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەر مەلۇم بىر ئېتنىك مىللەت ياكى دىنغا ھېسداشلىق قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، خىتاينىڭ چېكى يوق ۋەھشىلىكىگە ئىنسانىيەت نامىدا قارشى تۇرىدىغان جىددىي پەيتىدۇر».
ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، پۈتۈن دۇنيا خىتاينىڭ مەدەنىيەت باستۇرۇشى، ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا، جازا لاگېرلىرىغا كەڭ كۆلەملىك قامىشىنى تەنقىدلەۋاتقان پەيتتە، نېمە ئۈچۈن شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى بۇنداق رادىكال تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىر پۈتۈن ئېتنىك ۋە دىنىي ئاز سانلىق مىللەتنى جازالايدۇ؟دېگەن مەسىلە يەنىلا بىر سۇئال بولۇپ كەلمەكتىكەن.
ئۇ ماقالىسىدە بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيەسى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتى ئۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئېتنىك كىملىكلەرنى ئاجىزلىتىشتىن ئىبارەت «گىتلېرچە ئىدىيەسى» دىن كەلمەكتىكەن. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: «بۇنىڭ جاۋابى شى جىنپىڭنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئاز سانلىق مىللەت كىملىكلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتەك›‘گىتلەرچە ئىدىيەسى‹دە ئىپادىلىنىدۇ»