ئۆزبېكىستان مالىيە ساھەسىدە چوڭ تازىلاش ئېلىپ بېرىلغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018.01.01

ئۆزبېكىستاندا مەرھۇم پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف دەۋرىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭى رەھبەرلەر قويۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيويېف بۇيرۇقى بويىچە ئۆتكەن ھەپتە ئۆزبېكىستاننىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادى ۋەزىيىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئورگان-مالىيە مىنىستىرلىقىدىكى بىر قىسىم كونا ئەمەلدارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 562 ئادەم بىراقلا ئىشتىن ھەيدەلگەن.

پەرغانە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆزبېكىستان مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، 22-دېكابىر كۈنى ئۆزبېكىستان مالىيە مىنىستىرلىقىغا كادىرلارنى تازىلاش بۇيرۇقى كېلىپ، ئەتىسىلا ئىشتىن بوشىتىش باشلىنىپ، مىنىستىرلىق تەركىبىدىكى ئىككى ئاساسىي باشلىق ۋە مۇئاۋىن باشلىقلار بولۇپ، 24 ئەمەلدار ئىشتىن بوشىتىلغان. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدىكى تارماق ئورگانلىرىدىكى ئەمەلدارلار، كادىرلار بولۇپ، خىزمىتىدىن ھەيدەلگەنلەر 562 ئادەمگە يەتكەن. 

پرېزىدېنت مىرزىيويېف ئۇنىڭ ئالدىدا قىلغان سۆزىدە «بىز 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مالىيە مىنىستىرلىقىدىكى ‹ئەقىللىق كىشىلەر› سەۋەبىدىن خەلققە ناتوغرا مەلۇمات بەردۇق» دېگەن ۋە ئەمدى ئىدارە رەھبەرلىك ئىشلىرىدا «ياشلار، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋەتەننى سويىدىغان كىشىلەر بولۇشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن ئىدى. 

ئۆزبېكىستان مالىيە مىنىستىرلىقىنى 2005-2016-يىللىرى، پرېزىدېنت كەرىموفنىڭ ئىشەنچلىك ئادەملىرىدىن رۇستەم ئەزىموف باشقۇرغان بولۇپ، ئۇ كەرىموف ئۆلگەندىن كېيىن پرېزىدېنتلىق ئورنىنى تالاشقان ئاساسىي كىشىلەرنىڭ بىرى دەپ قارالغان ئىدى، ئەمما ئۇ سايلامغا قاتناشمىغان. ئۇ، 2016-يىلى، دېكابىردا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە قويۇلۇپ، 2017-يىلى بۇنىڭدىنمۇ بوشىتىۋېتىلگەن ئىدى.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ «گازېتا.ئۇز» ئۇچۇر تورىدىن نەقىل ئېلىشىچە، پرېزىدېنت مىرزىيويېف يەنە ئۆزبېكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىمۇ ئىسلاھ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر ئىدارە پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف دەۋرىدىكى ئەمەلدارلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ئىلگىرى، ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان تۈزۈمىدە مەزكۇر ئورگاننىڭ قولى بارلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. 

ئانالىزچىلار شاۋكەت مىرزىيويېف ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان ئىككى يىلدىن بۇيان پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفنىڭ 26 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە چىرىكلىك، مۇستەبىتلىك كۈچەيگەن ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن ئارقىدا قالغان ئۆزبېكىستاننىڭ قوشنا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركىيە قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بولغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، رۇسىيە، خىتاي ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن راۋاجلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.