خىتاينىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈچەيمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.06.11

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز زىيارەت ئۈچۈن ئۈرۈمچى شەھىرىگە كەلگەن ئۆزبېكىستان جىززاخ ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى سالىيېۋ باشچىلىقىدىكى ئۆمەك ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى جەريانىدا ئەركىن تۇنياز، «بىز ھازىر باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مۇستەھكەم رەھبەرلىكىدە پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىۋاتىمىز» دېگەن. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پۈتكۈل خىتاينىڭ تەرەققىيات مېخانىزمىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا قىلچىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى بەكمۇ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئەركىن تۇنياز تىلغا ئالغان «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئاساسىدا ئۇيغۇر دىيارىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق خىتاي ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشى، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتايغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى ئىشقا سالغان ئىدى. خىتايمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا ئىش كۆرۈپ، ئىقتىسادىي تەسىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق غەربكە كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. نەتىجىدە ئۇيغۇر دىيارى بۇ ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇشتىكى مەركىزىي رايونلاردىن بولۇپ قالغان. شۇنىڭدەك خىتاي-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلار ۋۇجۇدقا چىققان ئىدى.

«باستىل پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 9-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا قورغاس ئېغىزى ۋە ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا يولغا سېلىنغان يۈك پويىزلىرى 6400 قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ ياۋروپا بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدە ئاچقۇچلۇق رول ئويناشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، جىززاخ ۋىلايىتى ئۆزبېكىستاندىكى 12 ۋىلايەتنىڭ بىرى بولۇپ، ۋىلايەتنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 910 مىڭ ئىكەن. جىززاخ ۋىلايىتى ئۆزبېكىستاننىڭ قازاقىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان جايىدا بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم، دەپ قارىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.