تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ بۇ يىللىق خاتىرە كۈنىدە بىر تىبەت ئايال ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋالغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-03-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر نەپەر تىبەت ئايال ئۆتكەن جۈمە كۈنى 1959-يىلىدىكى تىبەتلەرنىڭ مىللىي قوزغىلىڭىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆزىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 40 ياشلار ئىچىدىكى بۇ ئايالنىڭ ئىسمى نورچۇك بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئوغۇل ۋە ئىككى قىزى بار ئىكەن. ئۇ ئۆتكەن جۈمە كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ئابا تىبەت ئاپتونوم ناھىيىسىدە ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.

«ھۆر تىبەت» رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ كۆيگەن جەسىتى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۆلۈك كۆيدۈرۈش ئورنىغا ئېلىپ بېرىلىپ كۆيدۈرۈلگەن. ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ جەسەتنى تىبەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي قائىدىسى بويىچە دەپن قىلىشىغا يول قويۇلمىغان.

چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 40 نەچچە ياشلىق راھىب ئايال نورچۇك 10-مارت يېتىپ كېلىدىغان تىبەتلەرنىڭ 1959-يىلىدىكى مىللىي قوزغىلىڭى بىلەن تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ تىبەتتىن ئايرىلغان كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان ئىكەن.

خەلقئارا تاراتقۇلار بىلەن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ئايالنىڭ 2015-يىلى كىرگەندىن بۇيان ئۆزىگە ئوت قويۇپ ئۆلۈۋالغان تۇنجى تىبەتلىك ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا خىتايدا ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋالغان 137-تىبەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت