ئۆيىنىڭ چېقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان بىر خىتاي پۇقراسى دوختۇرخانىدا ئۆلدى
جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنيۈ شەھىرىدە خۇ تېڭپىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي پۇقراسى ئۆيىنىڭ چېقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان.
ۋەقە چاغان ھارپىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدىن كېيىن خۇ تېڭپىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. جىددىي قۇتقۇزۇش داۋالىشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خۇ تېڭپىڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئائىلىسىدىن ئايرىم تۇتۇلغان يەنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خۇ تېڭپىڭنىڭ بېشىدا تۇرۇشى ۋە داۋالاشقا ھەمكارلىشىشىغا يول قويۇلمىغان.
بېيجىڭدىكى خەلق قۇرۇلتىيى يېپىلغان كۈنى دوختۇرخانا مەسئۇللىرى ۋە يەرلىك دائىرىلەر خۇ تېڭپىڭنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. جەسەتنى پەقەت بىرقانچە مىنۇتلا كۆرۈۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن ئۆلگۈچىنىڭ 14 ياشلىق قىزى بۈگۈن رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر ئائىلە، دائىرىلەرنىڭ ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن خۇ تېڭپىڭنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆزلىرىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرمىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا ۋە ئالاقىدار ئورگانلاردىن بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.