سىچۈەندە 4 پەرزەنتلىك بىر تىبەت ئانا ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-03-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدە 4 پەرزەنتلىك بىر تىبەت ئانا ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن بۇ ئايال، سىچۈەننىڭ ئابا ناھىيىسىدىكى بىر ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويغان.

خەۋەردە ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە بىر سۆز قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى بايان قىلىنمىغان.

ھازىرغىچە ئۆزىگە ئوت قويغان تىبەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىگە ئوت قويۇشنىڭ ئالدىدا «ياشىسۇن ئەركىنلىك»، «دالاي لاما قايتىپ كەلسۇن» دېگەندەك شوئار توۋلىغان ياكى خەت قالدۇرغان. مەزكۇر خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۈگۈن گەنسۇ ئۆلكىسىدىمۇ 43 ياشلىق بىر تىبەت ئۆزىگە ئوت قويغان؛ بۇنىڭ بىلەن خىتايغا ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش شەكلىدە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 110غا يەتكەن.

خىتاي ھازىرغا قەدەر بۇ تۈر قارشىلىقلارنى دالاي لامانىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. دالاي لاما بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرگەندە، ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغانلارنىڭ جاسارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇغان، ئەمما تىبەتلىكلەرنى قارشىلىق كۆرسەتكەندە ئاقىلانە بولۇشقا ۋە نىشاننى توغرا بەلگىلەشكە چاقىرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت