خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيەسى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ مەخسۇس فىلىم ئىشلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.05.20

خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيەسى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ بىر فىلىم ئىشلىگەن ۋە فىلىم ئۆتكەن ھەپتە قويۇلغان.

فىلىمدە «ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش قوللانمىسى» ناملىق بىر كىتاب تونۇشتۇرۇلغان ۋە بۇ كىتابنىڭ تىبەتلەرنى ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىشقا چاقىرغانلىقى، بۇ كىتابنى سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنتىنىڭ بىر ئەزاسى يازغانلىقى بايان قىلىنغان. فىلىمدە مەزكۇر كىتاب پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلىپ، «تىبەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش ھەرىكىتىدە دالاي گۇرۇھىنىڭ قۇتراتقۇلۇقى بار» دەپ تەنقىد قىلغان.

فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، نۆۋەتتە بېيجىڭدا ياشاۋاتقان ئايال يازغۇچى ۋېيسېر، خىتاينىڭ مەزكۇر فىلىمىنى، ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغانلارنى قارىلاش ئۈچۈن ئىشلەنگەن تۆھمەت خاراكتېرلىك فىلىم دەپ تەنقىد قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە 2008-يىلىدىكى لاسا ۋەقەسىدىن كېيىن تىبەتلىكلەرنىڭ كوللېكتىپ قارشىلىق كۆرسىتىشتىن يەككە قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۆتكەنلىكىنى، بۇنى تىبەتتىكى جىددىي سىياسىي ۋەزىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەندىكى ۋەكىلىنىڭ بايان قىلىشىچە، فىلىمدە تونۇشتۇرۇلغان كىتاب سۈرگۈندىكى تىبەت پارلامېنت ئەزاسى تەرىپىدىن ئەمەس، ئادەتتىكى بىر كۆچمەن تىبەت تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا تىبەتلىكلەرنى ئۆزىگە ئوت قويماسلىققا، ئەگەر شۇنداق قىلىشقا توغرا كەلسە، چوقۇم بىر ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ كېتىشكە دەۋەت قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.