نېپالدا مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان يەنە بىر تىبەتلىك ئۆزىگە ئوت قويۇۋالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.08.06

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7:45 مىنۇت ئۆتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن يەنە بىر تىبەتلىك نېپالدا ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ تىبەتلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما يارىسى ئېغىر بولغاچقا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى قاتارلىق چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2009-يىلى 2-ئايدىن ھازىرغىچە، خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى ۋە چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە تۇرۇۋاتقان تىبەتلىكلەردىن جەمئىي 120 نەپىرى ئۆزىگە ئوت قويۇش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇلاردىن ئاز دېگەندىمۇ 90 نەپىرى ئۆلۈپ كەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.