يەنە بىر تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-12-17
Share

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 16-دېكابىر يەنە بىر تىبەتلىك ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن.

تىبەت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۈچ ئايدىن بۇيان تىبەتلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن تۇنجى ئۆزىنى كۆيدۈرۈش ۋەقەسى ئىكەن.

ۋەقە خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى شياخې ناھىيەلىك ساقچىخانا ئالدىدا يۈز بەرگەن.

ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قارشىلىق بىلدۈرگەن تىبەتلىكنىڭ ئىسمى سانگيې خار بولۇپ، ئۇ 15-دېكابىر ئومچۇ يېزىسىدىن كېلىپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە تەييارلىق قىلغان ئىكەن.

بىر يەرلىك تىبەتلىك رادىئومىزغا سانگيېنىڭ «خىتاينىڭ تىبەت رايونىدىكى سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قۇربان بولغان» لىقىنى بىلدۈردى.

تىبەتلىكلەر 2009-يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

بۇ جەرياندا ئۆزنى كۆيدۈرگەن تىبەتلەرنىڭ سانى 130 غا يەتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت