پاكىستاننىڭ «ئىقتىسادىي كارىدور» قۇرۇلۇشى قەرزىنى قايتۇرالىشى گۇمانلىق ئىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-12-02
Share

پاكىستاننىڭ «خىتاي پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالغان قەرزلەرنى تۆلەش ئىقتىدارىغا سوئال قويۇلۇشقا باشلىغان.

پاكىستاندا چىقىدىغان «ئېكسپرېس ترىبيۇن» ناملىق گېزىتنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قاراشلار يېقىندا ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شتاتىغا جايلاشقان دۆلەتلىك ئاسىيا تەتقىقات ئىدارىسى ناملىق تەتقىقات جەمئىيىتى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، 50 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان بۇ كارىدۇر قۇرۇلۇشنىڭ 60 پىرسەنتتىن كۆپرەكى كۆمۈر قالايدىغان ئوت ئېلىكتۇر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

پاكىستاندا توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، «كارىدۇر قۇرۇلۇشى» پاكىستاننىڭ كۆپرەك توك ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ پاكىستاندىكى ئېنېرگىيە كرىزىسىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدىكەن. 

خەۋەردە دوكلاتنىڭ ئاپتورى ۋىلسون مەركىزىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقاتچى مايكېل كۇگېلماننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇ، كارىدۇر قۇرۇلۇشى ئېلىپ كېلىدىغان مەنپەئەتلەرگە ئۈمىدۋار قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

ئۇ مۇنداق دېگەن: «‹خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى› قۇرۇلۇشى پاكىستاندىكى قەرز، چىرىكلىك، ئېنىق ۋە ماس قەدەملىك ئېنېرگىيە سىياسىتىنى بولماسلىق قاتارلىق كرىزىسلارنىڭ نېگىزلىك مەنبەسىنى ھەل قىلىشقا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.»

ئاتالمىش «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشى 2013-يىلى باشلانغان. نۆۋەتتە مەزكۇر پىلان بويىچە باشلانغان 16 قۇرۇلۇش تۈرى تاماملىنىش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى 2018-يىلىدىكى سايلامدىن بۇرۇن بۇلارنى پۈتتۈرۈشكە بەكرەك ئالدىرىماقتا ئىكەن. 

ئەمما خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، پاكىستاننىڭ بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئالغان قەرزى مەسىلىسى يەنىلا ئويلىنىش تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە ئىكەن. 

خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «ئەمما پاكىستاننىڭ ئالغان قەرزلەرنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە بۇ يېڭى ئېنېرگىيە سالغان مەبلەغلىرىنى پۇل بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا قويۇلغان رىيال سوئاللار ئىزچىل قاتتىق بولماقتا.»

ئىلگىرى بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بەزى خەۋەرلەردە مەزكۇر كارىدۇر قۇرۇلۇشىنىڭ پاكىستاننىڭ مىللىي ئىگىلىكى ۋە يەرلىك ئىقتىسادىغا يوشۇرۇن خەۋپ تۇغدۇرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت