پاكىستاننىڭ «ئىقتىسادىي كارىدور» قۇرۇلۇشىغا ھازىر ئەمەسلىكى مەلۇم

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-11-18
Share

پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشىغا يېتەرلىك ھازىرلىق كۆرمىگەنلىكى، قىسقىسى بۇنىڭغا تەييار ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۈگۈنكى پاكىستان گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرى قاراشلارنى پاكىستاندا كۆزگە كۆرۈنگەن ئىقتىسادشۇناس ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدىن خەۋەر شەخس، دەپ قارىلىدىغان كايسەر بېنگالى ئوتتۇرىغا قويغان. 

ئۇ، «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىك دوكلاتىغا سوئال قويغان ۋە مەزكۇر قۇرۇلۇشقا كېتىدىغان چىقىم دوكلاتىنىڭ پاكىستان تەرىپىدىن تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئۇ مۇنداق دېگەن: «چىقىم ۋە پايدا ئانالىزى ھازىرلانمىدى. مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەسىرى باھالاپ چىقىلمىدى.» 

ئۇ ئۆزىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشقا قارىشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا يېتەرلىك ھازىرلىق كۆرمىگەنلىكنى ئەيىبلىگەن. 

ئۇ مۇنداق دېگەن: «‹بىز خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي› كارىدورى قۇرۇلۇشىغا مۇۋاپىق ھازىرلىق كۆرمىدۇق. ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى سەۋەبلىك كېلىشىم شەرتلىرىنى قاتتىق تالىشالمىدۇق.»

ئۇ يەنە قەشقەردىن گۋادار پورتىغا تۇتىشىدىغان بۇ كارىدور رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ يەرلىك ئىگىلىككە ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقى، ھەتتا ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

ئىلگىرىكى خەۋەرلەردىمۇ، 50 مىليارد دوللارغا يېقىن مەبلەغ سېلىنغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پاكىستانغا ئەمەس، بەلكى خىتايغىلا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، رايون ئېكولوگىيەسى، شۇنداقلا مەزكۇر كارىدۇر ئۆتىدىغان رايونلاردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

بۇ ھەپتە ئېلان قىلىنغان بەزى خەۋەرلەردە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ تەمىنلەشتىكى يېتەرسىزلىكى سەۋەبلىك «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» نىڭ بىر قىسىم تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش توختىتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت