پاكىستاندا زور كۆلەملىك نامايىش يۈز بەردى
يەكشەنبە كۈنى پاكىستان پايتەختى ئىسلامابادتا نامايىش يۈز بەردى. نامايىشچىلار باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىپنى ئىستىپاغا چاقىردى.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش ھەرىكىتىگە ئۆكتىچى ئىسلامىي گۇرۇپپىلار قاتناشقان بولۇپ، نامايىشقا ئۆكتىچى رەھبەرلىرىدىن ئىمران خان ۋە داڭلىق ئالىم تاھىر قادىرى يېتەكچىلىك قىلغان.
ئۆكتىچى رەھبەرلىرى ناۋاز شېرىپ ئىستىپا بېرىپ، يېڭى سايلام ئەمەلگە ئاشمىغىچە نامايىشنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ھۆكۈمەت بېشىنىڭ ئىستىپاسى ئۈچۈن 48 سائەتلىك مۆھلەت بەرگەن.
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىمران خان يەكشەنبە كۈنى خەلقنى ھۆكۈمەتكە باج تاپشۇرماسلىققا چاقىرغان بولۇپ، ئۇ ناۋاز شەرىپ ھۆكۈمىتىنى چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.
ساقچىلار يەكشەنبە كۈنىدىكى نامايىشقا 55 مىڭ ئادەم قاتناشقانلىقىنى پەرەز قىلغان بولۇپ نامايىشچىلار ئىسلاماباد مەركىزىدىكى ئىككى كوچىنى ئىگىلىگەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ھۆكۈمەت تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن زور ساندا ساقچى كۈچلىرىنى ئاجراتقان، ئىنتېرنېت ئالاقىلىرى ئۈزۈلگەن. بۇ نامايىش ئىلگىرىلا باشلانغان بولۇپ، مەلۇم توقۇنۇشلارمۇ يۈز بەرگەن ھەمدە نامايىش ئاخىرى ئىسلامابادقا كېڭەيگەن ئىدى.