پاكىستانلىقلار ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-09-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ 2017-يىلى پاكىستانلىق سودىگەرلەرگە ياتلىق بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەشقەردە «تەربىيەلەش»كە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

25-سېنتەبىر كۈنى پاكىستانلىق سودىگەرلەردىن بىر قىسمى بېيجىڭدىكى پاكىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە خىتايغا بېسىم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 25-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نامايىشچىلارنىڭ بىرى مىرزا ئىمران بەگ مارالبېشىلىق مەلىكەم مەمەت بىلەن توي قىلغان. بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن مەلىكەم 2017-يىلى يۇرتى مارالبېشىدىكى «تەربىيەلەش» لاگېرىدا ئىككى ئاي «ئۆگىنىش قىلغان». ئەمما لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يۇرتىدىن ئايرىلىشقا يول قويۇلمىغان. ئۇنىڭ ۋە تۆت ياشلىق ئوغلىنىڭ پاسپورتىمۇ تارتىۋېلىنغان. ئىمران بەگ بۇ ھەقتە مۇخبىرغا سۆز قىلىپ «ئەلچىخانىمىزغا ئەھۋالنى ئېيتسام كۈتۈپ تۇر، كۈتۈپ تۇر، بىر-ئىككى كۈن كۈتۈپ تۇرلا دەيدۇ» دېگەن.

سەيشەنبە كۈنى پاكىستانلىق سودىگەرلەر ھەققىدە سوئال سورالغاندا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

نامايىشچىلاردىن مىيان شاھىت ئىلياس مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئۇيغۇر ئايالىنىڭ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، ئۆزىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا ئۆيلەنگەن پاكىستانلىقلاردىن 300 نەچچە كىشىنىڭ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ، خىتاينىڭ زور خاتالىقى. ئىلگىرى كىشىلەر خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ھازىر ھەممە ئادەم بىلىپ كەتتى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت