گىلگىت-بالتىستاندىكى يەرلىك پارتىيەلەر يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-04-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پاكىستاننىڭ گىلگىت-بالتىستان رايونىدىكى يەرلىك سىياسىي-پارتىيە گۇرۇھلار يىغىن چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولانغان 50 دىن ئارتۇق گىلگىت-بالتىستانلىقلار بىلەن ئائىلە قۇرغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ھىندىستان «ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گىلگىت-بالتىستاندىكى بارلىق يەرلىك پارتىيە-گۇرۇھلار ئۆتكەن ھەپتە يىغىن چاقىرىپ، يۇقىرىقى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىغىندا يەنە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا بىر يىل مۆھلەت بىلەن سودا چەكلىمىسى قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى گىلگىت-بالتىستانلىق ئەركەكلەر بىلەن توي قىلغان 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئايالنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا سولىۋالغان. بۇ ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئېغىر پەرىشانلىققا سېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

يېقىندا گىلگىت -بالتىستان پارلامېنتى قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، پاكىستان فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. بىراق بەزى پاكىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى بۇ ئىشقا خالىماسلىق مۇئامىلىسى قوللىنىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.

«ئاسىيا خەلقئارا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىدە، ئانىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تەربىيەلەش» كە يىغىۋېلىنغان گىلگىتتىكى بىر بالىنىڭ «ئۇلار ئانامنى ئېلىپ كەتتى. مەن ئۇنى بەك سېغىندىم» دېگەن سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە رەھبەر خان ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «ئايالى تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋەيران بولدى. ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا بەك يامان بولدى. ئۇ يەردە ئۇلارغا مەكتەپ يوق، ئۇلار قارانچۇقسىز قالدى» دېيىلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گىلگىتتىكى بىر يەرلىك رەھبىرى زات «پاكىستان گىلگىت-بالتىستانلىقلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قويۇپ بېرىش تەلىپىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىلدۈردى.

بۇ، ئىككى تەرەپ دوستلۇقنىڭ يولىدا كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېگەن. لېكىن يېقىندا خىتاينىڭ پاكىستاندىكى باش ئەلچىسى ياۋ جىڭ، گىلگىت-بالتىستان سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئاقلىغان. ئۇ، بۇ ئاياللارنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، تەكشۈرۈشتىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت