خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆلۈمى مەسىلىسىدە خىتاي پاكىستاننى جىددىي سۈيلەشكە باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.02.06

بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستان تەرەپ بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىپ، 5-فېۋرال كۈنى كاراچى شەھىرىدىكى بىر بازاردا ئىككى خىتاي پۇقراسىنى ئېتىۋېتىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلغان.

فىرانسىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئىككى خىتايغا ئوق چىقارغان كىشىنىڭ ھەرىكىتىنى پاكىستان ساقچىلىرى «ئالدىنئالا پىلانلانغان نىشانلىق ھۇجۇم» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىككى خىتاينىڭ بىرى ئۆلگەن، يەنە بىرى ئېغىر يارىلانغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «خىتاي ئەلچىخانىسى دوختۇرخانىغا ئادەم ئەۋەتتى. بىز پاكىستان ساقچىلىرىدىن تېزدىن جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئادالەت سوتىغا ئېلىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدۇق» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردىن پاكىستاننىڭ گۋادار پورتىغىچە سوزۇلغان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» غا 54 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشتا نەچچە مىڭلىغان خىتاي ئىشچىلار ۋە ئىنژېنېرلار پاكىستان تەۋەسىدە خىزمەت قىلماقتا ئىكەن. مۇشۇ خىلدىكى خىتايلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش ۋەقەسى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا بىر قېتىم كۆرۈلگەن ئىكەن. شۇ قېتىم ئىككى خىتاي ئىنژېنېر گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ۋە بىرنەچچە ئايدىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن.

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پاكىستاندىكى بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ھەققىدە سوئال سورالغاندا گېڭ شۇاڭ: «بىز پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىنى قوللايمىز. شۇنىڭدەك پاكىستاننىڭ داۋاملىق ھالدا خىتاي پۇقرالىرىنى قوغداشقا تىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.