پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسىگە قارىتا ئەندىشىلىرىمىزنى خۇپىيانە بىلدۈرۈۋاتىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-10
Share

پاكىستان ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، لېكىن بۇ ئەندىشىسىنى خىتاي دائىرىلىرىگە «خۇپىيانە دىپلوماتىيە» ئارقىلىق يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«بۈگۈنكى پاكىستان» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆزلەرنى پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاڭ ماھمۇت قۇرەشى 10‏-فېۋرال كۈنى «كاراچى ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىنستىتۇتى» دىكى بىر مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتقىدا تەكىتلىگەن.

پاكىستان ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ 3 مىليوندەك ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىشىگە قارىتا ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ كەلگەن. ئۇ ھەتتا ئۆتكەن يىلى ب د ت دا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى قوللىغان. ئۆزىنى دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ «ھامىسى» دەپ كېلىۋاتقان پاكىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتى غەرب دۆلەتلىرىنى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ھەيران قالدۇرغانىدى.

شاھ ماھمۇت قۇرەشىنىڭ بۇ سۆزلەرنى پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان ئۆتكەن ھەپتە ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئارقىدىنلا قىلىشى دىققەت قوزغىدى. ئىمران خان ئۆتكەن ھەپتە ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، «ھازىرچە مەن بۇ مەسىلىنى تولۇق بىلمەيمەن. ئەگەر بۇ مەسىلە ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشسەم خىتاي بىلەن خۇپىيانە سۆزلىشىمەن» دېگەن. «بۈگۈنكى پاكىستان» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، شاھ ماھمۇت قۇرەشى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتۇلغان مۇئامىلىگە قارىتا ئۆز ئەندىشىسىنى «خۇپىيانە دىپلوماتىيە» ئارقىلىق ئىپادىلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھەممە نەرسىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق» دېگەن. لېكىن ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ «خۇپىيانە دىپلوماتىيەسى» دە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار كونكرېت قايسى جەھەتلەردىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.