خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان پارلامېنتىغا مەخپىي كامېرا ئورنىتىپ قويۇشى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-03-16
Share

يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئەڭ سادىق ئىتتىپاقدىشى» دەپ قارىلىۋاتقان پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى ئۆتكەن ھەپتىدىكى سايلامدا ھۆكۈمەت بىناسىدىن بايقالغان مەخپىي كامېرا سەۋەبىدىن خىتاي ھەققىدە يېڭى غۇلغۇلا باشلىدى.

«ھازىرقى ۋاقىت خەۋەرلىرى» نىڭ 12-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا سايلام زالىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يوشۇرۇنچە جاسۇسلۇق كامېراسى ئورنىتىپ قويغانلىقى پاش بولغان. بۇنىڭ بىلەن پارلامېنت ئەزالىرى ئۆرە-تۆپە بولۇپ كەتكەن ھەمدە سايلام پائالىيىتى توختاپ قالغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە شۇ كۈنى پارلامېنتنىڭ سېناتور رەئىس ۋە مۇئاۋان رەئىس نامزاتىغا مەخپىي ھالدا بېلەت تاشلىنىدىغان بولۇپ، سايلامنىڭ يېرىمىدا تامدىكى يوشۇرۇن كامېرانىڭ بايقىلىشى بىلەن ھەممىلا كىشى بەكلا غەزەپلەنگەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر جاسۇسلۇق كامېراسىنىڭ ئورنىتىلىشى ھەققىدىكى باشقا تەپسىلاتلار تەكشۈرىلىۋاتقان بولۇپ، بەزىلەر بۇنىڭ بىلەن خىتاي-پاكىستان ئوتۇرىسىدىكى «دوستلۇق» قا «دەز» كېتىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتىكەن. تېخى يېقىندا پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى جاڭ خېچىڭ ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە «ھىجابىڭنى ئېچىۋەت، كۆزلىرىڭنى بىر كۆرەي» دەپ ئۇچۇر يوللاپ قويۇپ پاكىستانلىقلارنىڭ قاتتىق غەزىۋىگە دۇچار بولغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت