ۋاڭ چىشەن خىتاي پاكىستاننىڭ نېگىزلىك دۆلەت مەنپەئەتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ، دېگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.05.27

خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى ۋاڭ چىشەن 26-ماي يەكشەنبە كۈنى 3 كۈنلۈك رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن پاكىستانغا يېتىپ كەلگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ چىشەننىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى بۇ يىل 4-ئايدا پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خاننىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا خىتاي-پاكىستان بىلەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە مۇھىم كېلىشىملەرنى ئىمزالايدىكەن.

«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ چىشەن يەكشەنبە كۈنى «پاكىستان-خىتاي ئىنستىتۇتى» دا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر يىغىندا سۆز قىلغاندا «ھازىر دۇنيانىڭ ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما دۇنيا شارائىتى قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر خىتاينىڭ پاكىستاننىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتىنى قوللاشتىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە «خىتاي بىلەن پاكىستان باراۋەرلىك ۋە ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزۈش جەھەتتە ئەڭ توغرا تاللاشنى قىلدى،» دېگەن.

ئۇنىڭ يۇقىرىقى بۇ سۆزلىرى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. چۈنكى ئىسلامغا قارشى ھەرىكەتلەرنى كۈچلۈك تەنقىدلەش بىلەن تونۇلغان پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان يېقىندا «تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيوسى» ۋە «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2 مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا قامىلىش مەسىلىسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.