دونالد ترامپ ئەيىبلىگەن پاكىستانغا خىتاي چاپان ياپتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.08.22

مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان-پاكىستان چېگراسىدىكى بەزى رايونلاردا پائالىيەت قىلىۋاتقان تالىباننىڭ قالدۇق كۈچلىرىگە قارىتا يېتەرلىك ھەرىكەت قوللانمايۋاتقانلىقى سەۋەبلىك، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پاكىستاننى ئەيىبلىگەن. ئەمما، كونا ئىتتىپاقدىشى بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا چىقىپ پاكىستان ئۈچۈن سۆز قىلىپ ئۇلارغا چاپان ياپقان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دونالد ترامپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەبلىغى پاكىستانغا غايەت زور مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، پاكىستاننىڭ بۇ مەنپەئەتلەرگە ۋىجدانەن جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز پاكىستانغا مىلياردلاپ دوللار بېرىۋاتقان بولساقمۇ، بىز يوقاتماقچى بولغان تېررورچىلار پاكىستاندا پاناھلىنىپ يۈرمەكتە ھەمدە خەلقىمىزنى ئۆلتۈرۈشنى داۋام قىلماقتا. بىز ئەمدى بۇنىڭغا داۋاملىق سەۋرى قىلالمايمىز» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن پاكىستاننىڭ ئەڭ ئالدىنقى سەپتە ئورۇن تۇرۇپ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتلەردە «زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆپ قۇربان بەرگەنلىكى» نى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «خەلقئارا جەمئىيەت پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ئەجرىگە كۆز يۇمۇۋالماسلىقى لازىم، دەپ قارايمىز» دېگەن.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بىلەن پاكىستان ئىزچىل ھالدا «قەدىناسلارچە دوستلۇق» مۇناسىۋىتىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقان مەملىكەتلەر ئىكەن. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىكى ئىسلام قوراللىقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى زورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پاكىستان بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.