پاكىستان پرېزىدېنتى ئۆز تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنى تازىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-09-02
Share

خىتايغا ھەربىي پارات ئۈچۈن بارغان پاكىستان پرېزىدېنتى مەمنۇن ھۈسەيىن ئۆز دۆلىتى تېررىتورىيەسىدىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنى «ئاساسەن» تازىلاپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن 2-سېنتەبىر بېيجىڭدا كۆرۈشكەندە قىلغان ۋە پاكىستان ئارمىيىسى يېقىندا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئەزالىرىغا قارىتا قوزغىغان ھەربىي ئوپېراتسىيەنىڭ غەلىبىلىك بولغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: ھەرىكىتىمىزنىڭ دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئامىللىرىنى تازىلىشىمىزغا پايدىسى تەگدى. مەنچە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەزالىرى دېگۈدەك يوقىتىلدى. بەلكىم ئەمدى قالغان بولسىمۇ، بىر نەچچىسى قالغاندۇ.

بۇ يىل ئاپرېل پاكىستاندا زىيارەتتە بولغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاتالمىش خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پاكىستانغا 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئەينى چاغدا بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ مەزكۇر مەبلەغنى سېلىش شەرتلىرى ئىچىگە پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان ئۆلكىسىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى قوراللىق كۈچلىرىنى يوقىتىش ماددىسىنىڭمۇ قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇت ياكى ئەمەسلىكى مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قاراشلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك مەزكۇر تەشكىلاتقا ئارتىپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت