پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىن خىتاينى ئىجابىي تەشۋىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.10.17

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» ھەققىدىكى پەردازلاپ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن كېيىن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان تەنقىدلەر بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ بىر قىسىم ئەللەردىكى دىپلوماتلىرىمۇ مەزكۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئاقلاشقا كىرىشمەكتە.

سەيشەنبە، يەنى 16-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادقا جايلاشقان ئەلچىخانىسى پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي مۇھاجىرلىقىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرىنى چاقىرىپ يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «كەسپى تېخنىكا مەركەزلىرى»، ئەمما خەلقئارادا «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى»، «گۇلاگ لاگېرلىرى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئورۇنلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە خىتاينىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرغان شۇنىڭدەك ئۇلاردىن بۇ ئەھۋاللارنى ئىجابىي تەشۋىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھىرى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ تەپسىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان باش كونسۇل شېن زىچېڭ مەزكۇر لاگېرلارنىڭ «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشنى كۈچەيتىش» ۋە كىشىلەرنىڭ «كەسپىي بىلىم ئۆگىنىشى ھەم تەربىيەلىنىشى» ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باش كونسۇل سۆزىدە يەنە مەزكۇر خىتاي مۇھاجىرلىرى باشلىقلىرىدىن ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى قوللاش شۇنىڭدەك خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى ئالاقىلەرنى كۈچەيتىشتە رول ئويناشنى تەلەپ قىلغان.

ۋەھالەنكى، مەزكۇر تەپسىلاتتا پاكىستاندىكى قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە كىملەرنىڭ بۇ يىغىنغا قاتناشقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن بولۇپ، پەرەز قىلىنىشىچە، يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلار خىتاي سىياسىتىنى ياقىلاپ، خىتايدىن نەپ ئېلىپ كېلىۋاتقان شەخسلەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئانالىزچىلار، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان لاگېرلارغا قاماپ، كاللا يۇيۇش، ئىسلام دىنىدىن ۋاز كەچكۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ پاكىستان ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىدە سەلبىي جامائەت پىكىرلىرىنى پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلماقتا.

بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى پاكىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سابىق ئالىي دەرىجىلىك دىپلوماتى ھۈسەيىن خاققانى خىتاينىڭ ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى ياردەمچىسى جاۋ لىجىيەننى «نومۇسسىز» دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ ئەيىبلەشنىڭ مەنبەسى ھۈسەيىننىڭ بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال تۋىتتىردا ھەمبەھىرلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى، يەنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىشى ھەققىدىكى ماقالىگە جاۋ لىجىيەننىڭ بەرگەن قاتتىق ئىنكاسىدىن بولغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.