خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونى توغرۇلۇق سۆزلىگەن سۆزىنى ماختىغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-10-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پاكىستان بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى تورىنىڭ 20-ئۆكتەبىر چىقارغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى مۇئىد يۈسۈف ئۇيغۇر رايونى توغرۇلۇق سۆزلىگەن سۆزى ئارقىلىق خىتاينىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن.

مۇئىد يۈسۈف يېقىندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا پاكىستان ۋەكىللەر ئۆمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردىكى «ھەقىقىي ئەھۋال» نى كۆرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خىتاي قانۇنى بەرگەن تەڭ-باراۋەر ياشاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇپ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

مەزكۇر خەۋەردە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋ لىجىيەننىڭ مۇئىد يۈسۈفنى ماختىغان سۆزلىرى تولۇق بېرىلگەن ھەمدە جاۋ لىجىيەننىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ پاكىستانغا ئوخشاش «راست گەپ قىلىشى، ھەقىقەتنى سۆزلىشى» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

پاكىستان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا خىتاينى ئاقلاۋاتقان دۆلەت بولۇپ، پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمرانخانمۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتقان ۋە ھەر قېتىم مۈجمەل جاۋابلارنى بېرىپ بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت