پاكىستان-خىتاي بىلەن كەشمىردىكى بىر سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا دائىر قاراردا «بىر-بىرىدىن خەۋەرسىز» ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.11.16

خىتاي بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىدىكى بەزى سودا كېلىشىملىرىدە كېلىشمەسلىك يۈز بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۈگۈن ھىندىستاننىڭ «سودا دۇنياسى» گېزىتى تارقاتقان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى چارشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ سۇ ۋە ئېلىكتېر تەرەققىيات ئىدارىسى باشلىقى مۇزاممىل ھۈسەيىننىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ، پاكىستاننىڭ كەشمىردىكى «دىيامىر-باشا» سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىكەن. مەزكۇر سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى رامكىسى ئاستىدىكى قۇرۇلۇش پىلانى بولۇپ، پاكىستان ئەمەلدارى سۆزىدە «خىتاينىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش شەرتلىرى ئىمكانسىز ۋە پاكىستاننىڭ مەنپەئەتىگە قارشى بولغانلىقتىن» بۇ قۇرۇلۇشتىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پاكىستان تالاش-تارتىشتا تۇرۇۋاتقان كەشمىر رايونىدىكى ھىندى دەرياسىغا سېلىنىدىغان سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا ھىندىستان كۈچلۈك قارشىلىق قىلغانلىقتىن دۇنيا بانكىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن مەبلەغ ئالالمىغان. خىتايمۇ ئەگەر مەبلەغ سالغان تەقدىردە بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ خىتايغا تەۋە بولىدىغانلىقىنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالغان بولغاچقا، پاكىستان بۇ قۇرۇلۇشتىن ۋاز كەچمەكچى بولغان.

بىراق، بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانچىسى گېڭ شۇاڭ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، مۇخبىرلارنىڭ سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا پەقەت «پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى چوڭقۇر، بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق داۋام قىلماقتا» دېگەن جاۋابنى بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تەشۋىق قىلغاندا نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇ قۇرۇلۇش كېسىپ ئۆتىدىغان جايلاردا ساقلىنىپ ياتقان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىدىن باشقا يەنە بالۇچىستان، كەشمىر قاتارلىق ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەۋجۇت رايونلار بولغاچقا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە گۇمان بىلەن قارىغان ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.