خىتاي پاكىستاندا تۇرۇشلۇق پۇقرالىرىنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دىن ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.12.08

خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسى بۈگۈن پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي پۇقرالىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى «تېررورچىلار» نىڭ پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىغا ۋە خىتاي شىركەتلىرىگە قارشى «پات يېقىندا بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمى» ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقىغا دائىر ئىستىخبارات تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسى ئاگاھلاندۇرۇشىدا «تېررورلۇق ھۇجۇمى» نىڭ قاچان ۋە كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان. خىتاينىڭ «پاكىسيان-خىتاي ئىقتىسادىي كارىدورى» قۇرۇلۇشى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، ئۇنىڭ پاكىستاندىكى تەسىرى كېڭىيىشكە باشلىغاندىن بۇيان خىتايغا قارشى ھۇجۇملار كۆپەيگەن.

بۇ يىل 6‏-ئايدا پاكىستاننىڭ بالۇجىستان ئۆلكىسىدە ئەر-ئايال ئىككى خىتاي پۇقراسى گۆرۈگە ئېلىنپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ يىل 10‏-ئايدا پاكىستاننىڭ «شەپەق» گېزىتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ پاكىستانغا ئادەم ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇڭ ۋېيدوڭنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقى، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

«شەپەق» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئاتالمىش «تېررورچى» نىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇچۇرلارنى پاكىستانغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشى ئۇقتۇرۇشىدا خىتاي پۇقرالىرىنى «ھوشيار بولۇشقا، شەخسى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا، ئادەم توپلانغان يەرلەرگە بارماسلىق» قا چاقىرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.