ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل ماككاۋل ئامېرىكا جامائىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىۋاتقان شىركەتلەرگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-05-27
Share

ئامېرىكا CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ تونۇلغان مۇخبىرى جەيك تەپېر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇنىڭدىن پايدا ئېلىۋاتقان بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن.

خەۋەردە ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتىغا ئاساسەن ئامېرىكالىقلار كىيىۋاتقان كىيىم-كېچەك، ئاياق ۋە ھەتتا ئۆيلىرىدە ئىشلىتىۋاتقان قۇياش ئېنىرگىيە تاختىلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ پروگراممىسىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل ماككاۋلنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، مايكى ماككاۋل بىر قىسىم چوڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىۋاتقان ۋە ھەتتا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، كوكاكولا قاتارلىق ئاز دېگەندە 8 ئامېرىكا شىركىتى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكالىق دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۇنىڭغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتىكەن.

بىراق مايكىل ماككاۋل يۇقىرىقىى شىركەتلەرنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسىگە قارشى لوبىچىلىق قىلىپ، ئۇنى يوق قىلغانلىقىنى، بۇ قېتىممۇ يەنە شۇنداق قىلىشى مۇمكىنلىكىنى دېگەن.

كوكاكولا ۋە نايكې شىركەتلىرى بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ لايىھەگە قارشى لوبىچىلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆز تەمىنلەش زەنجىرلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى ئۇلارنىڭ بۇ دېگەنلىرىنىڭ پاكىتلارنى يوققا چىقىرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ چوڭ شىركەتلەرنى ۋىجدانى بىلەن ئىش قىلىشقا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ ئويغىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايكىل ماككاۋلمۇ سۆزىدە: «كىشىلەر ئەمدى ئويغىنىدىغان ۋاقىت كەلدى، بىزنىڭ ۋەھشىيلىككە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى، بىزنىڭ ئەخلاقىي بۇرچىمىز بار، بىز كىشىلىك ھوقۇق تەرەپتە تۇرامدۇق ياكى بۇ چوڭ شىركەتلەر تەرەپتىمۇ؟» دېگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت