ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدىن كېيىن «پانۇس بايرىمى» نىمۇ تەبرىكلەشكە مەجبۇر بولغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.02.06

ئىلگىرى خىتاينىڭ «ھاشار ئەمگىكى» ۋە «سىياسىي ئ‍ۈگىنىشلىرى» نىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان ئۇيغۇرلار، ئەمدى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي، دىنىي بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇر قالغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەشكە ئۇيۇشتۇرغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ئارقىدىنلا ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك خىتاينىڭ «پانۇس بايرىمى» نى تەبرىكلەشكە تەشكىللىگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ 5-فېۋرال بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ئۈرۈمچى-سانجىدىن تارتىپ، خوتەن-قەشقەرگىچە بولغان كەڭ رايونلاردا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ «پانۇس بايرىمى» نى تەنتەنىلىك كۈتۈۋالغانلىقى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرىدە خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيگەن يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ «يەر ئۈستىدە» ئەجدىھا كېمىسى ھەيدەش مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاينىڭ 1997-يىلى يۈز بەرگەن غۇلجا «5-قىرغىنچىلىقى» نىڭ دەل 26 يىللىق خاتىرە كۈنى مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى «پانۇس بايرىمى» نى تەنتەنىلىك كۈتۈۋېلىشقا تەشكىللىشى دىققەت قوزغىدى. چەتئەلدىكى ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق مىللىي، دىنىي بايراملىرىنى چەكلەپ، خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە كەڭ كۆلەملىك تەشكىللىشى، ئۇنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش»، «ئورتاق جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى» شەكىللەندۈرۈش نامىدىكى ئاسسىمىلياتسىيە پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئائىت خەۋىرىدە، ئەجدىھا كېمىسىگە غالتەك بېكىتىپ، قۇرۇقلۇقتا ھەيدەشنىڭ «پانۇس بايرىمى» نى تەبرىكلەشتە «بىر يېڭىلىق ياراتقانلىقى» نى قەيت قىلسىمۇ، لېكىن بۇ كۆزەتكۈچىلەر رايوندا خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىشنىڭ بىر خىل «ئەسەبى» تۈس ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«پانۇس بايرىمى» خىتاينىڭ قەمەرىيە كالېندارىدىكى يېڭى يىلىنىڭ تولۇن ئاي چىققان تۇنجى كېچىسى بولۇپ، بۇ باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان.

«ۋىكىپېدىيە» دىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بايرام خىتاينىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ رەسمىي بايرام بولۇپ شەكىللەنگەنىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.