خىتاي ئالىي سوتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پارىخورلۇق بىلەن سوتلاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.01.10

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 10-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 10-يانۋار سەيشەنبە كۈنى خىتاي ئالىي سوتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى شاۋمىڭ تەنجىن 2-ئوتتۇرا سوتىدا پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، سوتلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، سوتتا تەنجىن شەھەرلىك 2-تەپتىش مەھكىمىسى شى شاۋمىڭنىڭ 1996-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي ئالىي سوتنىڭ ئىقتىسادىي ماجىرالار سوت كوللىگىيىسىنىڭ مۇئاۋىن سوتچىسى، خەلق ئىشلىرى سوت كوللىگىيىسى 2-سوتىنىڭ سوتچىسى، ئالىي سوت كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئالىي سوتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەش جەريانىدا خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ پارا ئالغان پۇل سوممىسى 114 مىليون خىتاي پۇلىغا يەتكەن.

خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن ئوبزورچى چېن پوكۇڭ ئەپەندى تۋىتېر تورىدا مەزكۇر خەۋەر ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ئالىي سوتى ئەمەلدارىنىڭ پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى، ھېچقانداق بىر ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ رىقابىتى ۋە نازارىتى بولمىغان كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى خىتايدا، ئەمەلدارلارنىڭ پارىخورلۇقى ھەممە ئادەمگە ئاشكارا بولغان ئومۇمىي ئەھۋال. شۇڭا جازالىنىۋاتقان ئەمەلدارلار ئەمەلىيەتتە پارىخورلۇق سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى نۆۋەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان شى جىنپىڭ گۇرۇھىنىڭ كۈشەندىسى بولغىنى ئۈچۈنلا جازالانماقتا. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭمۇ بۇلتۇر ئېچىلغان خىتاي كومپارتىيە يىغىنىدا، پارىخورلۇق بىلەن جازالانغان ئەمەلدارلارنىڭ يەنە «سىياسىي سۇيىقەست پىلانلىغانلىق ۋە سىياسىي گۇرۇھۋازلىق جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ بارلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.