شەنشى يۈلىندىكى پارتلاشتا 10 ئادەم ئۆلۈپ 150 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى

خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسى يۈلىن شەھىرى فۇگۇ ناھىيىسىدە 24 - ئۆكتەبىر كەچتە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 10 ئادەم ئۆلۈپ 150 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 24 - ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە، پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ 10 نەپەر ئىكەنلىكى، 24 - ئۆكتەبىر كېچە سائەت 11 گە قەدەر يارىلانغانلار سانىنىڭ 157 گە يەتكەنلىكى ئېنىقلانغانلىقى، ئۇلاردىن 113 كىشىنىڭ دوختۇرخانىلارغا داۋالاشقا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. ئەمما خەۋەردە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.

شەنشى يۈلىن يەرلىك ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق «سودا تورى» نىڭ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋىرىدە، پارتلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، 24 - ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن سائەت 2 ئەتراپىدا فۇگۇ ناھىيىسى شىنمىڭ بازىرىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ بىر ئاھالىلەر بىناسىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە ساقلىنىۋاتقان پارتلاتقۇچ دورا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. تۈنۈگۈنكى پارتلاش ۋەقەسىگە سەۋەب بولغان پارتلاتقۇچ دورىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىدا ساقلانغانلىقى ۋە كىمگە تەۋەلىكى ھەققىدە 25 - ئۆكتەبىرگە قەدەر خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا باشقا ئىزاھاتلار بېرىلمىدى.