پاتىگۈل غۇلامنى قويۇپ بېرىش مۇراجىئەتنامىسى ئېلان قىلىنىپ، ياۋروپا پارلامېنتى مەزكۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.04.06

باش شتابى ئامېرىكىدىكى مۇراجىئەت تور بېتى - «ئۆزگىرىش» تە غايىب ئوغلىنى ئىزدەپ تۈرمىگە كىرىپ قالغان پاتىگۈل غۇلامنى قويۇپ بېرىش مۇراجىئەتنامىسى ئېلان قىلىنىپ، ياۋروپا پارلامېنتى مەزكۇر مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى.

«بىگۇناھ ئانا قويۇپ بېرىلسۇن» دەپ تېما قويۇلغان مۇراجىئەتنامە ئىنگلىزچە ۋە فىرانسۇزچە ئىككى خىل تىلدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا شەنبە كۈنى كەچقۇرۇنغىچە 130 دىن ئارتۇق ئادەم ئىمزا قويغان.

پاتىگۈل غۇلام « 2009- يىلىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئوغلى ئىماممەمەت ئېلىنى ئىزدەش يولىدا كۆپ ئەرزىيەت چەككەن. كېيىن ئۇنىڭ ردىيومىز ئارقىلىق ئۆز زارىنى دۇنياغا ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن 2014- يىلىدىن بۇيان تۇتقۇندا ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

يېقىندا ردىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردا پاتىگۈل غۇلامنىڭ 7- ئاپرېل «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى» بىلەن يېپىق سوتلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پاتىگۈل غۇلامنىڭ مەخپىي سوتلىنىدىغانلىقى ردىيومىز ئارقىلىق ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، مەزكۇر خەۋەر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى پاتىگۈل غۇلامنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.